UyghurMain Dictionary
يات رەڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<گ سەن> رەڭسىز سىستېمىغا مەنسۇپ بولغان رەڭ. مەسىلەن، قارا، ئاق، كۈل رەڭ، ئالتۇن رەڭ، كۈمۈش رەڭلەرگە ئوخشاش. بۇلار رەڭ تۈسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينىغاچقا، <قۇتۇلدۇرغۇچى رەڭ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ساپ ئاق ۋە ساپ قارا رەڭلەرنى تېپىش قىيىن، رەڭ سپېكتىرىدا بۇنداق رەڭ خىلى يوق. شۇڭا ئاق رەڭ <ئىنفرا رەڭ>؛ قارا رەڭ <ئۇلترا رەڭ> دەپ ئاتىلىدۇ.
<گېئول> مىنېراللارنىڭ بىرخىل رەڭگى، يەنى سىرتتىن كەلگەن رەڭلىك ماددىلارنىڭ مېخانىكىلىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مىنېرالنىڭ بويالغان رەڭگى. بۇ رەڭنىڭ خىمىيىلىك مىنېرال تەركىبىنىڭ ئۆز قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەسىلەن، ساپ كۋارتىس رەڭسىز، سۈزۈك مىنېرال بولۇپ، ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە بىنەپشە، قىزىل گۈل رەڭ، سۈت ئاق، ئىس رەڭلەردە بولىدۇ.