UyghurMain Dictionary
ياتلىق بولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىز ئەرلىك بولماق.
بىر قىز ئەرگە تەگسە، قىرىق قىز چۈش كۆرەر. ئەگلەك كۆتۈرگۈچىلىكىڭ بولسا، ئەرگە تەگ. ئەرگە چىققان ئەر قەدرىنى بىلەر. يىگىتنى كۆپ تاللىغان ياتلىق بولالماس. تالالىق بول، تالادا قالما. ئۇنىڭ قىزى ئۇچۇرۇم بوپتۇ، يېقىندا ئۇچۇپ كېتەرمىش. يىگىت تۇرمۇش قۇرۇش، قىز تۇرمۇشقا چىقىش خۇشاللىق ئىش، ئاقىۋىتىمۇ خۇشاللىق بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۇرمۇشقا چىقماق، تالالىق بولماق، ئەرگە تەگمەك.
ئۇ يىگىرمە ئالتە ياشتا، تېخى ياتلىقمۇ بولمىدى.
ئەرگە بەرمەك.
مىجىت تاغىسىنىڭ يېنىدا خەقلەرنىڭ ياتلىق قىلماقچى بولغان قىزلىرىنىڭ كىيىمىنى تىكىپ، داڭ چىقىرىۋەتتى.