UyghurMain Dictionary
ياسۇموتو توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش يۈزىسىدىن بولغان بىر قېتىملىق يىغىلىق. تېننو توسۇخا (1103 - 1156) 1123 - يىلى (ياسۇئاننىڭ 4 - يىلى) تېننوشىڭې توكۇ (1119 - 1164) غا خانلىق ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، 1129 - يىلى (ئوخارۇنىڭ 4 - يىلى) شاھىنشاھ سالاھىيىتى بىلەن ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان. 1141 - يىلى (ناگاخارونىڭ 1 - يىلى) ئۇشىگېي توكۇنىڭ ئورنىنى ئۆزىنىڭ ئامراق بانوسىدىن تۇغۇلغان تېننو كوندا (1139 - 1155) غا بەرگۈزگەن. 1155 - يىلى (كوباتانىڭ 2 - يىلى) تېننو كوندا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە تېننو يۇكاۋا (1127 - 1192) نى تەختكە ئولتۇرغۇزغان. شۇنداق قىلىپ، تياۋيۈيۈەن بىلەن شاھىنشاھ شېگى توكۇ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان. 1156 - يىلى (ياسۇموتونىڭ 1 - يىلى) تياۋيۈيۈەن ئۆلگەندىن كېيىن شاھىنشاھ شېگى توكۇ سول قول ۋەزىر دويوتادانى (1097 - 1164) بىلەن بىرلىشىپ، خارانونى (1096 - 1156)، خىداشى ماسا (؟ - 1156) قاتارلىق سامۇرايلارنى يىغىپ، ئەسكەر توپلاپ تېننويوكاۋا بىلەن گوشىرادويوتادنى (1097 - 1164) غا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. كېيىن تېننويوكاۋا خارانونىڭ ئوغلى شىچو (1123 - 1160) نى ۋە خىراشى ماسانىڭ جىيەنى كىيوگېننىڭ ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىر كۈن ئىچىدىلا قارشى تەرەپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. فوجىغا راسېناگا ئۇرۇشتا ئۆلگەن. شاھىنشاھ شىگې توكۇ سۈرگۈن قىلىنغان. خارانونى بىلەن خاداشى ماسانىڭ كاللىسى ئېلىنغان. شۇنداق قىلىپ، خىراكيوگېن قايتىدىن خىزمەتكە قويۇلغان. سامۇرايلار گۇرۇھى كۈچىيىپ باش كۆتۈرگەن ۋە خان جەمەتى بىلەن ئاقسۆڭەكلەرگە تەھدىت سالغان. جۇكۇبا يىلىغا (1221 - 1229) كەلگەندە <ياسۇموتوۋويۇ> ژۇرنىلىدا بۇ ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقنىڭ جەريانى بېسىلغان، خارانونىچو (1139 - 1177) تەرىپىدىن تەپسىلىپ يېزىلغان.