UyghurMain Dictionary
ياشاش دەۋرى
بىئولوگىيە
ئوچۇق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىشىدىن باشلاپ يېڭى ئۇرۇق ھاسىل قىلغۇچە بولغان جەريانى. بىر يىللىق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، شال، يازلىق بۇغداي) بىر ئۆسۈش مەۋسۈمىدا بىر ياشاش دەۋرىنى تاماملايدۇ. ئىككى يىللىق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، قىچا، تۇرۇپ) ئىككى ئۆسۈش مەۋسۈمىدا بىر ياشاش دەۋرىنى تاماملايدۇ. زور كۆپ ساندىكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر) نىڭ مايسىلىرى كۆپىنچە دەسلەپكى ئىككى - ئۈچ يىلدا چېچەكلەپ مېۋە بەرمەيدۇ، پەقەت بەلگىلىك ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. ئۇلار بىر يىلدا بىر ياشاش دەۋرىنى تاماملايدۇ، بىر ئۆمرىدە كۆپ قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئاز ساندىكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، ئاق بامبۇك، ئاگاۋا) ئون نەچچە يىلدىن نەچچە ئون يىلغىچە ئۆسكەندىن كېيىن ئاندىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىم چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، چېچەكلەپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن تۈپ بويىچە ئۆلىدۇ. گەرچە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر ياشاش دەۋرىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن - قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىكى چېچەكلەش بىر ئورتاق ماددىي ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت. ئادەتتە چېچەكلەشنى چەك قىلىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش دەۋرىنى ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ؛ ئالدىنقى دەۋر ئوزۇقلىنىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈش دەۋرى بولۇپ، ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈش دەۋردى دەپ ئاتىلىدۇ؛ كېيىنكى دەۋردە ئاساسەن كۆپىيىش جەريانى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ دەۋر كۆپىيىش ئۆسۈش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.