ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىغلىغاندا، ھاياجانلانغاندا ۋە شامالدىغاندا كۆزدىن چىقىدىغان سۇيۇقلۇق كۆز يېشى.
كۆز يېشى قىلماق. * كۆزىگە ياش ئالماق.* يېشى قۇرۇماسلىق. * يېشىنى ئىچىگە يۇتماق. * ياش تۆككۈچە، مۇشت تۈگ (ماقال).
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئۆمۈرنىڭ ھەر يىللىق سانى. ياش - قۇرام.
يېشىڭ قانچە؟ مەن بۈگۈن - 1992 - يىل 29 - سېنتەبر 67 ياشقا كىردىم. * غۇلام ئاكام مەندىن تۆت ياش چوڭ. * ياش قېرىتماس، دەرد قېرىتار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1. ئۆمۈر كۆرگەن ۋاقتى نىسبەتەن ئاز. ئانتونىمى: قېرى، بوۋاي.
ياش يىگىت. * ياشلىق، ياشلار. * بىلىم ئالمىغان ياش - تام تۈۋىدىكى تاش (ماقال). * ياش كەلسە ئىشقا، قېرى كەلسەئاشقا (ماقال). * ياش قوماچقا ئامراق، قېرى ئۇماچقا (ماقال). * ھېچكىم ئىككى قېتىم ياش بولماس. * ياش يۇشۇغانغا ياش بولماس (ماقال).
2. يېشى كىچىك («ياشⅡ »). ئۇ تېخى ياش. * ياش ئىشچى. * ياش مال. * ياش كۆچەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى. كۆكى ئۇچلۇق ۋە ياپىلاق كېلىدۇ، بېشى توپا ئاستىدا بولىدۇ.
چامغۇرنىڭ تەبىئىي ھۆل ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا كۆكىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولىدۇ. چامغۇر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاساسىي كۆكتات. چامغۇر بولمىغان بولسا، زاغرا يەپ، ئوماچ ئىچىدىغان بىچارىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنى قارا تەمرەتكە بېسىپ كەتكەن بولاتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىشكە بولىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
<سەي> خەنزۇچە 菜
<سەبز> كىتابىي سۆز.
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى. بۇ يىل كۆكتات مول، كۆكتات بازىرى ئاۋات بولدى. ئېشىڭدا ياش بولسا، ياشمەن دەۋەر. ئاشنىڭ كۆكىنى ئىلغىۋېتىش يامان ئادەت. سەي باھاسى تۇراقلىق تۇرۇۋاتىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
14 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان يىگىت - قىز.
<ئۆسمۈر> تېخىمۇ كىچىك، 14 - 16 ياشلاردا بالا. <نۆۋەر>، <نەۋقىران> لار كىتابىي سۆزلەر، كەم ئىشلىتىلىدۇ.
ياش كەلسە ئىشقا، قېرى كەلسە ئاشقا. ياشتىن خاتالىق ئۆتسە، قېرىدىن ئۆزرە - ئەپۇ كەلسۇن. نۆۋەر چېغىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە، ئاسرا. نەۋقىران چاغلار قېرىغاندا ئەسلەشكىلا قالمىسۇن. ئۆسمۈرنىڭ يولى ئۇزۇن. ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
چامغۇر. مەسىلەن:
مۇزلاپ ئېرىگەن ياشنى،
توغراپ سالامدۇ ئاشقان.
بىرلا كەلگەن دۆلىتىم،
يېنىپ كېلەمدۇ باشقا.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوتياش، كۆكتات.
ياش ئوت _ يېڭى ۋە ياش ئوت. بۇ سۆز « ياش يۇش» شەكلىدە جۈپ سۆز قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
3 - 2
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىياش، كۆز يېشى.
كۆزۈم ياشى ئاقدى _ كۆزۈم يېشىم ئاقتى.
3 - 218
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى