UyghurMain Dictionary
ياروۋىزاتسىيە
بىئولوگىيە
تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەسىرى ياروۋىزاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ يەككە يېتىلىشىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىش مەزگىلىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا نىسبەتەن ئالاھىدە تەلىپى بولۇپ، پەقەت تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن گۈل بىخىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، كۈزگى بۇغداي كۈز پەسلىدە تېرىلىپ، قىش كىرگۈچە بىر مەزگىل ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسىدۇ، قىشتىن ئۆتۈپ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چېنىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى يازدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. كۈزگى بۇغداينى ئۇنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرماي ئەتىيازدا تېرىسا باش تارتمايدۇ. مەسىلەن، كۈزگى بۇغداي ئۇرۇقىنى 5 - 0 سىلتسىيە گرادۇستا 30 - 50 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئەتىيازدا تېرىسا نورمال چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. بىر يىللىق قىشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغان دانلىق زىرائەتلەر، ئىككى يىللىق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، قىزىلچا، تۇرۇپ ۋە يېسىۋېلەك) ۋە بەزى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن، ئوت - چۆپنىڭ ھەممىسىدە ياروۋىزاتسىيىلىنىش جەريانىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن بىخنىڭ ئىچىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما بولۇپ، ئۇنىڭ رولى پەقەت ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىگە ئەگىشىپ بالا ھۈجەيرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ياروۋىزاتسىيىنى ئۇدا بىرقانچە كۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرا (40 - 25 سىلتسىيە گرادۇس) تا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ياروۋىزاتسىيىسى ساقىت قىلىنغان ئۇرۇقنى يەنە ياروۋىزاتسىيىسىلىگىلى بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى ياروۋىزاتسىيىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسسىقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بۇخىل تەسىر ئالدىنئالا ياروۋىزاتسىيىنى ساقىت قىلىش ياكى ئانتى ياروۋىزاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ياروۋىزاتسىيىنى ساقىت قىلىش پرىنسىپى باش پىياز ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىۋاتىدۇ. قىشتىن ئۆتكۈزۈلگەن باش پىيازنىڭ تەڭگىچە غولىنى ئەتىياز پەسلىدە كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۆسۈش مەزگىلىدىكى ياروۋىزاتسىيىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نىسبەتەن چوڭ تەڭگىچە غولغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.