Uyghur←ChineseMain Dictionary
ياروسلاۋ قانۇنى
دۇنيا تارىخى
雅罗斯拉夫法典
yǎ luó sī lā fū fǎ diǎn
<قەدىمكى رۇس قانۇنى> دەپمۇ ئاتالغان. كيېۋ رۇسنىڭ پادىشاھ ئەمر - پەرمانلىرى توپلىمى. كيېۋ روس كىنەزى ياروسلاۋ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1019 - 1054) تۈزۈلگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ماددىلىرى قەدىمكى رۇس دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا، شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان فېئوداللىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھ ۋە ئاقسۆڭەكلەر، <ياساۋۇل> لارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولۇپ، يەر چېگرىسىنى بۇزغانلار، چارۋىلارنى ئوغرىلىغانلار، قورۇققا ئوت قويغانلار قاتارلىقلارنى قاتتىق جازالاش، جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە سلاۋىيانلار ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ بەزى ئادەتلىرى، مەسىلەن، قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەنلەردىن ئۆچ ئېلىشقا يول قويۇش (يېقىن قېرىندىشى بىلەنلا چەكلەنگەن) قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ياروسلاۋنىڭ ئۈچ ئوغلى ئورتاق ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە، قانۇنغا قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ۋە تولۇقلاپ (مەسىلەن: قان - قېرىندىشىنىڭ ئۆچىنى ئېلىشنى چىقىرىپ تاشلىغان)، نامىنى <ياروسلۋنىڭ ئۈچ شاھزادىسىنىڭ قانۇنى> (يەنى <رۇس قانۇنى> غا ئۆزگەرتكەن.