UyghurMain Dictionary
يارما ئاش
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆش 175 گرام، قەلەمپۇر بىر تال، ياغ 70 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، بۇغداي ياكى قوناق يارمىسى 200 گرام، قىزىل لازا ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. بۇغداي ياكى قوناقنى تاسقاپ، ئۈگدەپ تازىلىغاندىن كېيىن ياغۇنچاقتا ياكى چاناقتا بۇغداينى 3-2 پارچە، قوناقنى بولسا
5-4 پارچە قىلىپ يارمىداپ، ئاندىن غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
2. گۆشنى جىگدىدەك ئۇششاق، سۇڭپىياز توغرىسىغا ئۇششاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كەينىدىن سۇڭپىياز سېلىنىدۇ. سۇڭپىياز سارغايغاندا سۇ قۇيۇپ، بىر تال قەلەمپۇر سېلىنىدۇ. سۇ قاينىغاندا تەييارلانغان يارمىنى سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، تۇز، ئاچچىقسۇ، ئۇششاق توغرالغان لازىنى سېلىپ ئۈستىدىن پىننە ياكى يۇمغاقسۈت سالسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
گۈرۈچ ئورنىدا بۇغداي ياكى قوناق يارمىلىرىنى ئىشلىتىپ ئېتىلگەن پولۇ.