UyghurMain Dictionary
يارلىق ئوت
بىئولوگىيە
يارلىق ئوت ئائىلىسىگە كىرىدۇ، سۇدا لەيلەپ ياشايدىغان كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى چاچما، غولى يەر باغىرلاپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى يۈرەكسىمان، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، ئۈستۈنكى يۈزى يېشىل، ئاستىنقى يۈزى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، بىر توپ لەيلىگۈچى تۈزۈلۈشى بولىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق؛ 2 - 3 دانە ئاتىلىق گۈلى بىر ساپتا، ئىككىگە يېرىلغان يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماق ئىچىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈل كاسىسى ئۈچ، گۈلتاجى ئۈچ، پەردىسىمان، ئاق؛ ئاتىلىقى 6 - 9، چېكىنىپ كەتكەن ئاتىلىقى 3 - 6، ئاتىلىق يىپى ئاچا شەكىللىك. ئانىلىق گۈلى يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئىچىدە يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈل يېپىنچىسى ئاتىلىق گۈلىنىڭكىگە ئوخشاش، چېكىنگەن ئاتىلىقى ئالتە جۈپ ئۆسىدۇ. مېۋىسى گۆشلىشىدۇ، تۇخۇمسىمان ياكى ئۇزۇن ئېللىپسسىمان، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. خېبېي، شەرقىي جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئۆسىدۇ؛ ئۇ ياۋروپا، ئوكيانىيە، ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ تارقالغان بولۇپ، سۈيى ئاقمايدىغان سازلىق، شاللىق ياكى سۈيى تېيىز كۆللەردە ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى بېلىق يەيدۇ.