UyghurMain Dictionary
ياردەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولغان يار - يۆلەك. كۆرسەتكەن ئەقىل، نەسىھەت.
سېنىڭ ماڭا ياردىمىڭ تەگسە، مېنىڭمۇ ساڭا ياردىمىم تېگەر. ۋاقتىدا قىلىنغان كۆمەك - ھەقىقىي قىممەتلىك كۆمەك. مەدەت بەرمەك مەردنىڭ ئىشى. ئاجىزلارغا ياردەم، زەئىپلەرگە كۆمەك، كۈچسىزلەرگە مەدەت بەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر ئىشنى قىلىشتا ھەمكارلىشىش، قارىشىش؛ ھەمكارلىق، مەدەت.
ياردەم بەرمەك، ياردەم قىلماق.
گۈلچىمەن ھوشۇر ئەلەسنىڭ ياردىمى بىلەن بازارغا ئاتاپ ئىشلىگەن رېشىلىيەنىڭ يېرىمىنى ساتالىدى.
ھەمكارلىشىش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان پۇل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىي نەرسىلەر.
ئۇ ئاكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن سودىنى باشلىۋەتتى.
پايدىلىق تەسىر، نەسەپ، مەنپەئەت.
مەن ئوكۇلنىڭ ياردىمى بىلەن كۈندىن - كۈنگە ساقىيىشقا باشلىدىم.