UyghurMain Dictionary
يارىدار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يارىلانغان، جاراھەتلەنگەن.
يارىدار كېيىك ياتالماس. مەجرۇھقا مەدەت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىرەر جايى ياكى ئەزاسى يارىلانغان؛ جاراھەتلىك.
يارىدار ئادەم، يارىدار ئېيىق.
سۈپ. كۆچمە. ئازابلانغان، دەرتكە تولغان، يارىلانغان.
ئاھ، تۆكۈلدى قانچە - قانچە كۆز ياشلار، چۆل - جەزىرە ئوتلىرىدا داغ قالدى. يارىدار دىلدىن چىققان قانچە نالىلەر، ياڭراپ ئۆتۈپ ھاۋالاردا يوقالدى.
ئى. بىرەر جايى ياكى ئەزاسى يارىلانغان؛ جاراھەتلەنگەن ئادەم.
ئۇلار نۆۋەتلىشىپ يارىدارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.