UyghurMain Dictionary
ياقىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يېقىن؛ «يەقىن 1» گە قاراڭ.
دېدىم: مۇمكىن ئېرمەس خەلاس ئولماقىڭ،
ياقىندۇركى يەرگە غەۋۋاس ئولماقىڭ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.ل
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
راستلا، چىن، ھەقىقەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىن داۋلى، خالىسلىق، توغرا يول.
ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس. تاتلىق سەپسەتىدىن ئاچچىق ھەقىقەت ئەلا. ھەققانىيەت يولىدا جېنىڭنى ئايىما. ھەققانىيەتنىڭ ئۆڭى ئۆچمەيدۇ. سەن ھەر ئىشتا ئادىل بولساڭ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىسەن. يامانلىققا يامانلىقتۇر مۇكاپات، شۇدۇر دادۇھەققانىيەت، ئادالەت. ئادالەت مەڭگۈ ئۆچمەس يالقۇن. ئادالەت ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ توغرا ئۆلچىمى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېقىن.
ياقىن يېر _ يېقىن يەر. ياقىن ئەر _ يېقىن ئادەم، تۇغقانلاردىن يېقىنى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياقىن ياغۇق كۆرمەزىپ نەڭنى كۆزۈر
قازاش تابا ئىت كېبى قىڭرۇ باقار
«يېقىن - يوۋۇقلىرىنى كۆرمەستىن مالنى كۆرىدۇ،
ئۆز قېرىندىشىغا ئىتقا ئوخشاش ھومىيىپ قارايدۇ.»
كىشىلەر ئوتتۇرىسدىكى ۋاپانىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى تەرىپلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئادەملەر يېقىنلىرىنى، تۇغقانلىرىنى نەزەردە تۇتمايدۇ، مال ۋە دۇنياغىلا بېرىلىپ، سۆڭەكتىن قىزغانغان ئىتقا ئوخشاش، ئۆز يېقىنلىرىغا قىڭغىر كۆز بىلەن قارايدۇ.
3 - 27
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەقىقەتەت، ھەقىقىي