UyghurMain Dictionary
ياپونىيە غەيرىي رەسمىي تارىخى
Domain: دۇنيا تارىخىياپونىيە تارىخ كىتابى. راي سانيو تۈزگەن، 22 توم، بۇلاردا رېتى بويىچە ھېي جەمەتى، گېن جەمەتى، ھۇجۇ جەمەتى، كۇسۇننوكى جەمەتى، نىتتا جەمەتى، كېيىنكى ھۇجۇ جەمەتى، تاكېدا جەمەتى، ئوئېسۇگى جەمەتى، مورى جەمەتى، ئودا جەمەتى، تويوتومى جەمەتى، توكۇگاۋا جەمەتى، ئاخىرىدا توكۇگاۋا ئېمىتسۇ (0416 - 1651) بايان قىلىنغان. سىماچيەننىڭ ئۇسلۇبىنى تەقلىد قىلىپ، خەنزۇچە يازغان ھەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. 200 نەچچە خىل كىتابتىن پايدىلانغان. ساپ بولمىغان جايلار بولسىمۇ، راۋان يېزىلغانلىقتىن، 1836 - 1837 - يىللىرى (تېمپونىڭ 7، 8 - يىللىرى) ئەتراپىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان ناھايىتى كەڭ تارقالغان. جۇڭگودىمۇ كۆپ خىل نۇسخىسى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.