UyghurMain Dictionary
يامانلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يامانلىماق، يامانلاش. باتنىماق،قېيدىماق، ئۆپكىلىمەك.
ئۇ يامانلاپ قاپتۇ. * يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان (ماقال).* ئىرىڭدىن يامانلىماي، ئېسىڭدىن يامانلا (ماقال). * دوستتىن يامانلىغان ئەقلىنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يامانلىماق، يامانلاش. تىللىماق، غەيۋەت قىلماق، يامان گېپىنى قىلماق.
تاش يۈرەك نادانلار، تۇغۇلغان ئۆيىنى يامانلار (ماقال). * سايىسىدا سەگىدىگەن دەرەخنى يامانلىما (ماقال).