Uyghur←ChineseMain Dictionary
ياماكا تابانمومو
دۇنيا تارىخى
山片蟠桃
shān piàn pán táo
ياپونىيىنىڭ ئىدو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سودىگەرلىكتىن كېلىپ چىققان ئالىم. بانمو (بۈگۈنكى خىگو ناھىيىسىنىڭ ئىننامى دېگەن يېرى) ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ناگاتانى كاۋا، كېيىن ياماكاتا ياشىخىدىگە ئۆزگەرتىلگەن. ياش ۋاقتىدا ئوساكادىكى باي سودىگەر ماشۇياخېموننىڭ شۆبە دۇكىنى خىساخوئوي ئائىلىسىدە ئىشلەپ، باش ھېساباتچى بولغان. مۇشۇ دۇكاننىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ بەرگەن. تېگىشىش كەسپىدىن باشقا، سېنداي ۋاسسالىغا ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سېنداي ۋاسسالىغا مالىيە باشقۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ۋاسسال بەگلىرىدىن ئون نەچچە كىشىنى قەرز ئوبيېكتى قىلغان. سودا بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا ناكاي تاكېزو (1730 - 1804) قاتارلىقلارىدىن جوشى تەلىماتىنى ئۆگەنگەن ھەم جۇزىيۈن تەلىمىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. 1802 - 1820 - يىللاردا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئىلاھىيەت، تارىخ، تۈزۈم، ئىقتىساد، سىياسىي خاتىرە، بىدئەت، مۇلاھىزە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 توملۇق <مۇنزىدەي> نى يازغان. يەر تەۋرەش تەلىماتىغا ئىشەنگەن. خۇداسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ماتېرىيالىزملىق ئامىل بىلەن تولغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىن گۇمانلانغان، كۆپ جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.