UyghurMain Dictionary
يالڭۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يالڭۇق.
(بۇ سۆز يازما نۇسخىدا «» شەكلىدە يېزىلغان. بۇ بابنىڭ تەلىپىنى ۋە بۇ سۆزنىڭ «دىۋان» نىڭ باشقا جايلىرىدىكى شەكلىنى نەزەردە تۇتۇپ، ترانسكىرىپسىيىدە «يالڭۇق» دەپ ئالدۇق). ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يالڭۇق ئوغلى يو قازۇر ئەزگۈ ئاتى قالىر _ ئادەم بالىسى يوقىلار، ياخشى ئېتى قالار. ئادەم بالىسى ئۆلۈم بىلەن يوقىلىدۇ، ياخشىلىق قىلغان نامى قالىدۇ. بۇ ماقال كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 524
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىنسانىيەت، پۈتۈن ئىنسانىيەت.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياغى ئەرۈر يالڭۇقۇڭ نەڭى تاۋار
بىلىك ئەرى ياغىسىن نەلىك سەۋەر
«ئىنساننىڭ مېلى - دۇنياسى دۈشمەندۇر،
ئەقىل ئىگىسى دۈشمىنىنى قانداقمۇ سۆيسۇن.»
ئادەمنىڭ مال - دۇنياسى ئۆزىگە دۈشمەندۇر، ئەقىللىق ئادەم ئۆز دۈشمىنىنى قانداقمۇ سۆيسۇن.
3 - 525
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دىدەك.
ئوغۇز، قىپچاق ۋە سوۋار تىللىرىدا.
3 - 525