UyghurMain Dictionary
يالپۇز
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يالپۇزغا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛، بەزىدە بىر مېتىرغا قەدەر ئۆسىدۇ، مېزىلىك، خۇش پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ؛ غولى تۆت
قىرلىق، ئىچى كاۋاك ۋە بوغۇملۇق بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، كەڭ تېمىنىسىمان ياكى سوقىچاق بولۇپ، گىرۋەكلىرى ھەرە
چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى كىچىك، كالپۇكسىمان، سۆسۈن ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك بولۇپ، غولىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماق
قولتۇقلىرىدىن ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە چېچەكلەشتىن بۇرۇن يىغىۋېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە ئېرىق -
ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ. تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىسسىقنى تارقىتىش، يەل ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش،
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
يالپۇزدىن تۆت گرام، كەۋرەكتىن ئالتە گرام، جۇلاغدىن يەتتە گرام، ئۈچقاتتىن سەككىز گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت گرام يالپۇزنى 12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئېزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام
پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
كالپۇكسىمان گۈللەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يەر باغىرلاپ ئۆسىدىغان يىلتىزسىمان غولى بار، خۇش پۇرىقى بار، غولى تۆت قىرلىق بولۇپ، يۇمشاق تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. كەڭ تۆمۈنىسىمان ياكى تۇخۇمسىمان ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. ئايلانما بولۇپ ئۆسكەن كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە ئۇششاق گۈللەر كۆپ بولىدۇ، گۈلى قولتۇقتا ئۆسىدۇ؛ گۈل كاسىسى نەيسىمان قوڭغۇراق شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ گۈلتاجى كالپۇكسىمان، ئاچ قىزىل، بىنەپشە رەڭ ياكى ئاق رەڭدە بولىدۇ، سىرتىنى ۋە ئىچى تەرەپ بويۇن قىسىمنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يۇمشاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى تۇخۇمسىمان بولىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ چاۋشيەن، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. يول ياقىسىدىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. خۇش پۇراقلىق ماتېرىيال ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، غول ۋە يوپۇرمىقىدىن يالپۇز مېيى ئايرىۋېلىنىدۇ، مېنتول (يالپۇز جەۋھىرى) داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، يېمەكلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ؛ غول ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ، تەرلىتىدۇ، شامالداپ قېلىشتىن بولغان قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، ئاساسەن تاشقى سېزىملىك قىزىش، باش ئاغرىپ كۆز قىزىرىش، تېرىگە ئەسۋى چىقىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. تۈپ ئايرىش، قەلەمچە تىكىش ياكى ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۆت قىرلىق، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى سۇس سۆسۈن. غول ۋە يوپۇرماقلىرىدا ئېغىزدىن شامال چىقىرىدىغان خۇشبۇي تەم بولىدۇ، پۇراقلىق، دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئاروماتىك بىرىكمىنى كەمپۈت ۋە ئىچىملىكلەرگە قوشۇشقا بولىدۇ.