UyghurMain Dictionary
يالغۇزەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆشۈكلىرىنى بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چالىدىغان مۇزىكا.
<يالغۇزەك> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
نەي - پادىچىنىڭ ھەمراھى. نەي نامراتنىڭ، بالمان ياينىڭ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
نەي.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
ۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، ئادەتتە تومراق قومۇشتىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ، بىر ئۇچىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.ئۈستىدە 6 ~ 7 ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قارا ئېلىكنىڭ يېنىغا جايلاشقان پالاقسىمان ياپىلاق سۆڭەك.
ئۆزى يالغۇز، تەنھا ئادەم ياكى نەرسە.
ئۇ بىچارە يالغۇزەك، شۇنى ئېنىق بىلەركەن: پېشانىسىگە بىر ئۆمۈر، پۇتلىكاشاڭلار پۈتۈلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. نەي.
شىنجاڭنىڭ بۇرغا، يالغۇزەك (نەي)، بورىيا، بالىمان، دۇمباق، غۇڭقا، بارباب، راۋاب، غېجەك قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى زۇ، چىڭ، سەي قاتارلىق چالغۇلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قوينىڭ قارا يىلىكىنىڭ يېنىغا جايلاشقان پالاقسىمان سۆڭەك. يەنە بىر خىل سازمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ.