UyghurMain Dictionary
يالغۇز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يەككە - يېگانە، تەنھا، تەڭدىشى يوق، يالغۇز؛ پەقەت:
قاراڭغۇ گور ئارا بىر كۈن كىرە مۇڭلۇغ باشىڭ يالغۇز،
خەراب ئەيلەپ ۋۇجۇدۇڭ شەھرىنى سۇلتانى دىل ئەفرۇز.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆيلەنمىگەن ياكى خوتۇنىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان ئەر.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. پارىژ شەھەىردىكى 3 مىليون ئاھالىنىڭ 1 مىليون300 ،مىڭى بويتاق - تول ئىكەن. گۆش داڭقانغا تۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. ساياق يۈرگەن تاياق يەر. ئەلگەكتە سۇ تۇرماس، ساياقتا پۇل. يالغۇز باش يېنىدىكى يېقىندىن يىراق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەگەر بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا ئويلىسا، بۇ تولىمۇ شەرمەندىچىلىك بولىدۇ. ئىنساننى پەقەت تەرجربىلا ھايات لەززەتلىرىنى قەدىرلەشكە ئۆگىتىدۇ. بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلاردىن بۇ يەردە يالغۇز مەنلا بىخەۋەر ئىكەنمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جۈپ، كۆپ ئەمەس، پەقەت بىرلا، ئادەمگە قارىتىلغان.
<كاكىسالتاڭ> دا كەمسىتىش مەنىسى بار.
يەككە - يېگانە تۇرۇپ، رەقىبنى يەڭگىلى بولمايدۇ. يالغۇز ماڭساڭ يول يىراق. يالغۈز يۈرۈپ پۇل تاپقۇچە چىشىڭ تۆكۈلەر. ياۋۇز كىشىنى دوست تۇتقاندىن تەنھا يۈرگەن ياخشى. مەيدانغا بىر ئۆزى يالغۇز چۈشكەن باتۇر سانالماس. كاكىسالتاڭ كارغا كەلمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. شېرىكى يوق، بىر ئۆزى؛ يەككە، تەنھا، يېگانە.
يالغۇز ھويلا.
يالغۇز خىش تام بولماس (ماقال).
يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ، يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ (ماقال).
يۈك <پەقەت، بىرغىنا، بىرلا> دېگەن مەنىلەردە چەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
ئىشقا كېتىدىغىنى ئىشقا كەتتى، مەكتەپكە بارىدىغىنى مەكتەپكە ماڭدى، يالغۇز ئاسىگۈللا قالدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يالغۇز، تەنھا، بىر ئۆزى.