UyghurMain Dictionary
يالغادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يالىدى.
ئاياق يالغادى _ ئاياق (قاچا) يالىدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( يالغار _ يالغاماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ياقاداق يالغاغالى ئەلىكدەكى ئىچغىنۇر _ ياقىدىكىنى يالايمەن دەپ، قولىدىكىدىن ئايرىلىپتۇ، يەنى ياقىسىدىكى يۇقۇندىنى يالايمەن دەپ ئاۋارە بولسا، قولىدىكى قاچا چۈشۈپ كېتىدۇ، يالىغۇچى قۇرۇق قالىدۇ. بۇ ماقال بىر نەرسىنى تاما قىلىپ قولىدىكىدىن مەھرۇم بولغان كىشىنى يوق نەرسىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە، قولىدىكىنى چىڭ تۇتۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 419