Uyghur←ChineseMain Dictionary
يالاڭتۆشلەر
Domain: دۇنيا تارىخى无套裤汉
wú tào kù hàn
ئۇزۇن ئىشتانلىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە چىرايلىق ھەم ئېسىل قىسقا قاپلىما ئىشتان كىيىدىغان ئاقسۆڭەك ۋە بايلارنىڭ ئۇزۇن كاناپ ئىشتان كىيىدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىپ ئاتىشى بولۇپ، ⅩⅧ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلدە ئىنقىلابچىلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان نامىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن شەھەر قول ھۈنەرۋەنلىرى، كىچىك تىجارەتچىلەر ۋە باشقا ئەمگەكچى ئامما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونى پارىژ. ئۇلار فرانسىيە زور ئىنقىلابىدىكى ئەڭ رادىكال بىر گۇرۇھ بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ساراڭلار> گۇرۇھى ۋە گېنېرتچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان، 1793 - يىلى 31 - ماي ۋە 2 - ئىيۇندىكى گېروندىچىلارنى ئاغدۇرۇش قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنى ھەرخىل سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبور قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.