Uyghur←ChineseMain Dictionary
يالاڭ پايە
Domain: بىئولوگىيە瓦韦
wǎwéi
چىلپايە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈپ ئېگىزلىكى 6 - 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يىلتىزسىمان غولى توم بولۇپ، توغرىسىغا ئۆسىدۇ، زىچ تەڭگىچە يوپۇرماقلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئاددىي، نېپىز بولۇپ، ئادەتتە تۈكچىلەر بولمايدۇ. يوپۇرماق ئالىقىنى، چىۋىق شەكلىدە تۆمۈنىسىمان بولىدۇ، يوپۇرماق تومۇرى ئېنىق بولمايدۇ، قىسقا سېپى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ. سپورا خالتا توپى دۈگىلەك، سېرىق بولۇپ، يوپۇرماق كەينىدىكى ئوتتۇرا تومۇرنىڭ ئىككى يېنىدا، يوپۇرماق گىرۋىكىگە يېقىنراق ئورۇندا ئۆسىدۇ، بىر - بىرىگە يېقىن جايلىشىدۇ، يۇمران مەزگىلدە قالقانسىمان ئايرىغۇچى يىپ ئوراپ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبتىكى ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. چاۋشيەن ۋە ياپونىيىلەردىمۇ بولىدۇ. تاش، قۇرۇق دەرەخ شېخى ياكى كاھىشنىڭ يېرىقىغا يېپىشىپ ئۆسىدۇ.
ئۆسۈملۈك
瓦韦
wǎ wéi
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.