UyghurMain Dictionary
يالىڭاچلىماق
يالىڭاچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يالىڭاچ ھالەتكە كەلتۈرمەك، يالىڭاچ قىلماق:[مىسال:] بېلىقلار پۈتۈن ھاراقنى قاراقچىلارغا ئىچۈرۈپ، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلاپ، بارلىق نەرسىلەرنى كېمىگە سېلىپ مېڭىپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② يوپۇرماق، غازاڭلارنى چۈشۈرۈۋەتمەك:[مىسال:] سوغۇق، ئىزغىرىن شامال سارغايغان يوپۇرماقلارنى ئۈزۈپ چۈشۈرۈپ، دەرەخلەرنى يالىڭاچلىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ③ قىنىدىن، غىلاپتىن چىقارماق، سۇغۇرماق، ئالماق؛ بوشاتماق:[مىسال:] ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، قارا قۇل قىلىچىنى يالىڭاچلاپ كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ بوش، قۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ بوشاتماق، قۇرۇقدىماق:[مىسال:] ئۇنىڭدىن كېيىن نىياز ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىگە قوللىرىنى تىقىپ، ئەل-جامائەت ئارىسىدا رەسۋا قىلىپ، ئايرىلىدىغان چېغىدا ئۆينى سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قويغان مۇتتەھەم خوتۇن — خەلچەملەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.