UyghurMain Dictionary
يالاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1. كىيىم كىيمىگەن، قوڭالتاق.
يالىڭاچ ياتماق. * يالاڭ ئاياغ. * يالاڭباش.
2. نېپىز، يۇپقا، ئەستەرلەنمىگەن. يالاڭ چاپان.* يالاڭ كىيىم. * يالاڭ يىپ. * يالاڭ تورنىك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
نوقۇل، ساپلا.
بۈگۈنكى يىغىنغا يالاڭ ئاياللار كەپتۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«يالىڭ» غا قاراڭ.
مەگەركىم كويىدا يالاڭ ئاياغ ئول ئاي خىرام ئەتمىش،
نەۋائىي كۆزلەرىغە سۈرمە بولمىش ئول قارا تۇفراغ.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېلىننىڭ تەتۈرى، تۈز نەرسىنىڭ ئۈستى بىلەن ئاستى ئارىلىقى بەك كىچىك ھالەت.
ئانىسى ناننى نېپىز ياقىدۇ، بالىسى قوشلاپ يەيدۇ. يۇقا چاپانغا ئىشەنمە، يۇقا چاپان سوغۇقتا دۈشمەن. يالاڭ كىيىم يازدا ياخشى. يېرىم باينىڭ ئۇيقۇسى يوق، كىيىمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى. بادام قاپاق، يۇپقا تاماق، ھالىمنى سورىساڭچۇ!
شىۋىلەر
ئوچۇق؛ مەسىلەن: يالاڭئاياق، يالاڭ باش، ئەستەرسىز، يالاڭ كىيىم، قاتسىز، يالاڭ قاپاق، تاق، يالاڭ نومۇر - تاق نومۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاستىدىن ئۈستىگىچە، ئوڭدىن تەتۈرىگىچە ئارىلىق شالاڭ.
قېلىن
ئاستىدىن ئۈستىگىچە، ئوڭدىن تەتۈرىگىچە ئارىلىق زىچ.
تەلۋىنىڭ تېرىسى قېلىن. دىۋانىگە نېپىزىنى بەرسەڭ، <قېلىننى كىم ئالغان> دەر. يۇقا چاپان سوغۇقتا دۈشمەن. يالاڭ كىيىم يازدا ياخشى، قېلىن كىيىم قىشتا. يېرىم باينىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس، كىيىمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. دائىم، ھەمىشە، ھەممەۋاقىت، نوقۇل.
— سىزنىڭ ئالدىڭىزغا يالاڭ ئاشۇنداق ئادەملەر كېلىدىغان بولغاچقا، ئادەتلىنىپ قالغان گەپ - تە،— دېدى ئۇ مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ.
يۈك <پەقەت، ساپ، غىچ، يالغۇز> قاتارلىق مەنىلەردە چەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
مۇز داۋاندا قار ياغدى، تۈزلەڭدە يالاڭ يامغۇر. دەردمەنلەرگە كۈن بەرمەس، دۇۋاڭ چېرىكى قانخور.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەستەرلەنمىگەن ياكى ئەستىرىگە پاختا ئېلىنمىغان. نېپىز، بىر قات.
يالاڭ پەشمەت. يالاڭ كىيىم.
قىنىدىن چىقىرىلغان، ياكى غىلاپسىز، قىنسىز؛ يالىڭاچ (قىلىچ، پىچاق ھەققىدە).
خان ئوغۇل بىلەن سۇباشى توغرۇلبەگ ئۈچ - تۆت غۇلاچچە نېرىدا توختاپ، يالاڭ قىلىچىنىڭ پاينىكىنى پېشانىلىرىگە قويۇپ، ئۈزەڭگىدە تىك تۇرۇپ تەڭ ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى.
تاق، يالغۇز.
يالاڭ پەش، يالاڭ تىرناق.