UyghurMain Dictionary
ياغ كىسلاتاسى
بىئولوگىيە
تەركىبىدە تۇز گىدرو كاربون زەنجىرى بولغان كاربوكسى كىسلاتا. ياغ ۋە ياغ تۈرىدىكى ماددىلار (مەسىلەن، فوسفاتىد، گلىكوزىدلىپىد قاتارلىق) نى گىدرولىزلاپ تەييارلىنىدۇ. سۈنئىي سىنتېزلاشمۇ مۇمكىن. تەبىئەتتە بولىدىغان ياغ كىسلاتالىرىنىڭ كاربون ئاتومى جۈپ سانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ گىدرو كاربون زەنجىرى مەسىلەن، قاتتىق ياغ كىسلاتاسى، يۇمشاق ياغ كىسلاتاسى تۇيۇنغان بولىدۇ، تەركىبىدە قوش بولۇپ، مەسىلەن، ماي كىسلاتاسى، ئاراخىدونىك كىسلاتاىرى تويۇنمىغان بولىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ زەنجىرى 14 تىن 20 گىچە كاربون ئاتومى بولىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئاساسەن 12 كاربون ئاتومىدىن تۆۋەن تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ياشايدىغان ھايۋانلاردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىنىڭ ئىقتىدارى تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. باكتېرىيلەردىكى ياغ كىسلاتالىرىنىڭ تۈرلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەردىكىگە قارىغاندا بەكمۇ ئاز بولىدۇ. لېكىن كاربون ئاتومى 12 ~ 18 كاربون ئاتومى ئارىلىقىدا بولۇپ، زور كۆپچىلىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى بولىدۇ، بەزىلىرىدە يەنە تارماقلانغان مېتال رادىكالى بولىدۇ. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى گىدروگېنلاشتۇرۇلسا، گالوگېنلاشتۇرۇلسا، كىسلاتاشتۇرۇلسا ۋە ئوكسىدلانغاندىن كېيىن ياغ كىسلاتالىرىنىڭ پېروكسىدلىرى ھاسىل بولىدۇ.