UyghurMain Dictionary
ياغاچ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دەرەخ، ياغاچ:
قولۇمغە ئۇرۇندى مىسالى ياغاچ،
قارىسام يۈرۈپدۇر ئېتىپ ئىت غۇلاچ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تەخمىنەن ئون ئىككى كىلومېتىرچە ئارىلىق؛ بىر ياغاچ يول - تەخمىنەن ئون ئىككى كىلومېتىرلىق مۇساپە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېلېكتر، تېلېفون، رادىئو سىملىرىنى تارتىش ئۈچۈن، ياغاچ، سېمونتلاردىن ياسالغان موما ياغاچ.
ستولبىغا ئات - ئۇلاغ باغلاش خەتەرلىك. موما ياغاچ جامائەتنىڭ مۈلكى، ئاسراش، بۇزماسلىق كېرەك.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ياغاچ (يىغاچ) - ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر ياغاچ ئالتە كىلومېترغا تەڭ> دېيىلگەن. يەنە بەزى مەنبەلەردە يېزىلىشىچە قەدىمدە بىر ياغاچ تەخمىنەن سەككىز كىلومېترغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى مەلۇم <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا: <yicap> - ياغاچ - ئاغاچ. بىر ياغاچ يەر - بىر پەرسەخ يەر< دەپ ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، >ياغاچ< - >پەرسەخ< بىلەن باراۋەر بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخنىڭ، شۇنىڭدەك قورۇغان ۋە كېسىلگەن دەرەخنىڭ پوست ۋە يوپۇرمىقىدىن باشقا قىسمى.
شۇ زامانلا ئالۇچا ياغىچىدىن ياسالغان غاڭزىسىنى تۇتۇپ زالدا گېنېرال پەيدا بولدى.
مەن سۇدىكى ياغاچ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.