Uyghur←ChineseMain Dictionary
يادروسىمان تەنچە
بىئولوگىيە
拟核
nǐhé
ياكى <يادرو ماددا تەنچىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلاردىن باكتېرىيە ۋە كۆك يۈسۈنلەرنىڭ قوش بۇرمىلىق DNA دىن ئىبارەت ئىرسىي ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى بولۇپ، فۇنكىسىيە جەھەتتە ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھۈجەيرە يادروسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن بۇ دائىرىدە ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردىكىدەك ئوراپ تۇرىدىغان يادرو پەردىسى بولمىغاچقا يادروسىمان تەنچە ياكى ئىپتىدائىي يادرو دەپ ئاتىلىدۇ. فۇنكىسىيىسى ۋە تۈزۈلۈشىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى جەھەتلەردە ھەقىقىي يادروغا يەتمەيدۇ، ئۇ ھۈجەيرىدە يادروسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك باسقۇچىدا تۇرىدۇ.