UyghurMain Dictionary
يادنامە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يادنامە، ئەسلىمە، خاتىرە:
تارەئى مويىنى كەلتۈر ئەيلەيىن تەئۋىزىگە باش،
يا ئۆزۈڭ بىلگۈنچە بىر يادنامە كەلتۈرگىل ماڭا.
موللا بىلال.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەسلىمە، ئەستىلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئارخېئولوگىيە
ئۆلگۈچىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ قەبرە ئالدىغا قويۇلغان تاش ئابىدە ۋە ئۇنىڭغا ئويۇلغان خەت، يېزىق.
قۇددۇسنىڭ بىر جۈپ قوي كۆزى تېخىچىلا ئۇنتۇلماس ئوقۇغۇچىلىق ھايات كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تولغان بىر تەۋەررۈك يادنامە بەتلىرى ئۈستىدە ئوينىماقتا ئىدى.
خاتىرە، ئەسلەتمە.
ئاپرېل بايرىمى ئۈچ كۈن داۋام قىلىپ كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز يادنامە بولۇپ قالدى.