ياڭاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ياڭاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئېللىپس شەكلىدە، ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ. سىرتقى مېۋە شۆپۈكى سىلىق، ئىچكى مېۋە شۆپۈكى قاتتىق ۋە بۈدۈر-بۈدۈر بولىدۇ. ياغىچى مەزمۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەر خىل ئۆي جاھازلىرى ياسىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ. ياغمۇ تارتىلىدۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.