UyghurMain Dictionary
ھۇزۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھۇزۇر، راھەت، زەۋق؛ پاراغەت، ھالاۋەت، ئاسايىش.
ئالدى، ھۇزۇر، ھۇزۇرى، ئىختىيارى، ھازىر بولۇش، كۆنۈش:
1. بۇلارنىڭ ھەر ھۇزۇرى شەمئدىندۇر،
قاچان ئۆي ئىچرە بولغان جەمئدىندۇر.
خىرقەتى.
2. ... چۇن ئاخىرلەرىغە يەتتى، بىر كۈن ئۇستاد ھۇزۇرىدا جەمئى ئەئىممە بىلە ئولتۇرۇپ شەرھىس - سۇننە ئوقۇر ئېردى.
نەۋايى.
ئۆز ھۇزۇرۇمغە مېنى قويماس دەمى،
كەلتۈرۈر كۆڭلۈمە ھەردەم ئەلەمى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنچ ۋە پاراۋان تۇرمۇش ھالىتى.
سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. ئىنىكى بارنىڭ راھىتى بار. ئادالەت زالىملارغا بولسا ئاپەت، جاپا چەككەنلەرگە بەرگەي پاراغەت. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى يوق قىلار، تىرىشچانلىق ئىرادىنى چىڭىتار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق. كىشىلىك ھايات ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك خىزمەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
جاپا، جەبرى، جەبرى - جاپا، مۇشەققەت، جاپا - مۇشەققەت، ئازاب، ئوقۇبەت، ئازاب - ئوقۇبەت، رىيازەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
راھەت، پاراغەت، ئارام، لەززەت، تىنچلىق ، خاتىرجەملىك .
ھۇزۇر ئالماق، ھۇزۇر قىلماق.