Chinese→UyghurMain Dictionary
护宪运动
دۇنيا تارىخى
ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى
1849-يىلى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خەلقنىڭ ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، گېرمانىيىنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشى. گېرمانىيە ھەرقايسى شتاتلىرى پادىشاھلىرىنىڭ فرانكفۇرت مىللىي پارلامېنتى ماقۇللىغان <ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى> نى رەت قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 1849-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ساكسۇنىيىنىڭ پايتەختى درېزدېن خەلقى ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭ پۈتكۈل زېين رايونى، باۋارىيە، بادېن، پفالست قاتارلىق جايلارنى قاپلاپ كەتكەن. ئىشچىلار يادرو قىلغان پىدائىيلار جۈنتۈەنى قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان. بىراق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە قولىغا ئېلىۋالغان. ئېنگېلس ۋە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى جەڭگە بىۋاسىتە قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار نۇرغۇن رايونلاردا فېئودال بەگ - غوجىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغان. 6-ئايدا پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ، جايلاردىكى ھەرىكەتنى باستۇرغان. ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ قورقۇنچاقلىقى ۋە بىقارارلىقى ھەمدە قوزغىلاڭدا پۇختا پىلان ۋە بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جايلاردىكى قوزغىلاڭلار ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى ئىنقىلاب بازىسى بولغان راستاتىت قورۇلى قولدىن كېتىپ، ھەرىكەت ئاخىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.