UyghurMain Dictionary
ھۇما
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەپسانىۋى قۇش، دۆلەت قۇشى، كىمنىڭ بېشىغا قونسا سايىسى چۈشسە بەختلىك بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىندىغان قۇش؛
ھۇما گەر ئۇستىخانىم كۆرسە كىرپىك تارى دەپ باقماس،
قاچان ئالەمدە مۇنداغ ئېردى جىسمى ناتەۋان پەيدا.
.ئەرشى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەخت قۇشى، ئەپسانىۋى قۇش، قۇش، ئاق قۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسىمى بار، جىسمى يوق ئەپسانىۋى ئۇلۇغ قۇشلار.
پايانسىز بىلىملەر سەندە مۇجەسسەم، ئەنقادىن بۈيۈكرەك ئاددىي ياشاش ھەم. دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمۇرغ كېلەر كۈندە قېشىغا. ھۇما - كۈچ - قۇدرەتنىڭ تىمسالى. مادادىن پاختەك ئەلا. قاغا بالىسىنى قېقىنوس ھېسانلاريدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشنىڭ بېشىغا قونسا شۇ كىشى ئەڭ بەختلىك بولىدۇ دەپ قارىلىدىغان بىر خىل ئەپسانىۋى قۇش؛ بەخت قۇشى .