UyghurMain Dictionary
ھۈسەين مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تولۇق ئاتىلىشى «ئىمام ھۈسەين مەسچىتى». بۇ مىسردىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى قاھىرىدە. يازما خاتىرىلەردىن قارىغاندا، شىئە مەزھىپىنىڭ ئۈچىنچى ئىمامى ھۈسەيننىڭ باش سۆڭىكى 1153 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قاھىرەگە يۆتكەپ كېلىنىپ، كۈمۈش ساندۇققا سېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى زەمرەد قەسىرىگە دەپنە قىلىنىپ، كېيىن قەبرىگاھ ياسالغان. سالاھىددىن مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا قەبرىگاھ يېنىدا فىقھە مەكتىپى سېلىنغان. ھازىرقى مەسچىت ئەييۇب سۇلالىسى دەۋرىدىكى فىقھە مەكتىپىدىن تەرەققىي قىلغان. ⅩⅤ ئەسىردە ئەلەۋىيە فىقھىچىلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە دەرسخانىسى قىلىندى. بۇ مەسچتتە ئىككى پەشتاق بار. بۇنىڭ بىرى ئىنچىكە، ئېگىز بولۇپ، شەكلى قېرىنداش قەلەمگە ئوخشىشىدۇ، ئوسمانىيلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا مەنسۇپ؛ پەشتاققا سۈرە - ئايەتلەر يېزىلغاندىن باشقا، «جەمەتىمىشدىكى ئەڭ قەدىرلىك ھەسەن - ھۈسەين» دېگەن خەتلەر ئويۇپ قويۇلغان. شەرقتىكى ناماز زالىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى مېھراب ئىچىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالغان نەرسىلەر (بىر تال ھاسا، ئىككى تال ساقال، كۆز دۇرىسى قاچىلانغان قۇتا، كۆز دورىسىنى تېمىتىدىغان تاياق، بۇردە، رىدا، سېرىق قۇڭۇر رەڭ كۆڭلەك، ئىشتان، ئاق ئەدىيال ۋە بۆك قاتارلىقلار) قويۇلغانمىش. كۇفە نۇسخىسىدا كۆچۈرۈلگەن ئىككى «قۇرئان كەرىم» بار ئىكەن، رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ قۇرئانلارنى ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلىلەر كۆچۈرگەنىكەن. شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ھەمىشە مۇشۇ يەردە قەبرىنى چۆگىلەپ سۈرە ئوقۇيدۇ. تەسەۋۋۇپچى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن دىنىي قائىدىلەرنى ئادا قىلىدۇ. ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.