Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھۈجەيرە تاختىسى
بىئولوگىيە
细胞板
xìbāobǎn
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇرچۇقسىمان تەنچىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېكۋاتور يۈزىدە پەيدا بولىدىغان تۈزۈلۈش. يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئىككى دانە بالا يادرو ھاسىل بولغان ۋاقىتتا ھۈجەيرىدىكى يىپلىنىش دانىچە مىكرو نەيچىسى ۋە غەيرىي يىپلىنىش دانىچە مىكرو نەيچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېرىپ يوقىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىدىن قىسقا مىكرو نەيچىلەر ھاسىل بولىدۇ، بۇ مىكرو نەيچىلەر ئۇرچۇقسىمان تەنچىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى (ئېكۋاتور يۈزى) گە يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان پەردىگە ئايلانغۇچى تەنچە، ئىچكى پلازماتورى ھەمدە گولگى ئاپپاراتىدىن ئاجرىلىپ چىققان كىچىك ۋاكۇئولا بىلەن قوشۇلۇپ تىزىلىپ ھۈجەيرە تاختىسى، يەن ھۈجەيرە پوستىنىڭ ئالدىنقى تەنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئاساستا ھۈجەيرە تاختىسىدىن يېڭى ھۈجەيرە پوستى ھاسىل بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھۈجەيرە ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئىككى دانە بالا ھۈجەيرە ھاسىل بولىدۇ.