UyghurMain Dictionary
ھۇدۇد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ھەد. چېگرالار.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەد <چەك، چېگرا> نىڭ كۆپلۈكى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(مۇقىم جازا) بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <چەك>، <بەلگىلىمە> دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازا تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جازا ئوغرىلىق، ھاراقكەشلىك، زىناخورلۇق، زىنا بىلەن قارىلاش، بۇلاڭچىلىق، مۇرتەدلىكتىن ئىبارەت چوقۇم پەرھىز قىلىنىدىغان ئالتە خىل گۇناھقا ماس كېلىدۇ. جازا ھۆكۈم قىلغاندا، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى ئەھكاملار ئاساس قىلىنىدۇ. پۇت ياكى قولنى كېسىش، قامچىلاش، چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش، دارغا ئېسىش قاتارلىق جازالارغا ئايرىلىدۇ. تارىختا ھەرقايسى فىقھىيەلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى سەل پەرقلىق بولدى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن بۇ جازالارنىڭ ئورنىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جازالار ئىگىلىدى.