Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىتت
دۇنيا تارىخى
赫梯
hè tī
كىچىك ئاسىيادىكى كاپپادوسىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. خاليىس (بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى قىزىل دەرياسى) دەرياسى بويىغا جايلاشقان. بۇرۇنقى ئاھالىلەر <ئىپتىدائىي ھىتتلار> دىن ئىبارەت. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا ھىتتلار (ھىندى ياۋروپا ئىرقىغا كىرىشى مۇمكىن) بېسىپ كىرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅨⅩ ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅧⅩ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅦⅩ ئەسىردە پادىشاھ تابارنا كۇسسارنى مەكەز قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرغان، پايتەختى خاتۇساس (بۈگۈنكى بوكازكىيىن). تەخمىنەن مىلادىدىن 1595 يىل ئىلگىرى مۇرشىلىش Ⅰ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بابىلون شەھىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تېلېپىن ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پادىشاھلىق جەمەت ئىچىدىكى ماجىرانى تۈگەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅣⅩ ئەسىردىن باشلاپ، تۆمۈر قورالدىن پايدىلىنىشقا (تارىختا ھىتتلار تۆمۈرانى ئەڭ بالدۇر ئىشلەتكەن) كىرىشكەن. دۆلەت كۈچى كۈنسايىن زورىيىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ھەربىي جەھەتتىن غەربىي ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. پادىشاھ سۇپپىلۇلۇما (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅣⅩ ئەسىر) مىتاننى (مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان) نىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان ھەمدە مىسىر بىلەن سۈرىيە رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پادىشاھ مۇۋاتتاللىس مىسىرنىڭ فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ بىلەن ئورونت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كادېش دېگەن يەردە جەڭ قىلىشقان. بۇ جەڭدە يېڭىش - يېڭىلىش نەتىجىسى چىقمىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1280 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 1296 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىن ھىتتلارغا تەۋە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، <دېڭىز ئۈستىدىكى مىللەت> بوسفور بوغۇزىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق پارچىلىنىپ كەتكەن. ئاندىن زەئىپلىشىشكە يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ھىتتلارنىڭ قالغان كىچىك دۆلەتلەرنى يوقاتقان. ھىتت مەدەنىيىتى ئىككى دەريا ۋادىسى (بابىلون قاتارلىقلار) نىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. چېخوسلوۋاكىيە ئالىمى ھىروزنى قاتارلىقلار ئۇلار قوللانغان مىخ يېزىقنىڭ سىرىنى يەشكەن.