UyghurMain Dictionary
ھىسار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەلئە، قورغان. ئىستېھكام:
كۆك، ئاسمان:
1. .... ۋە نەچچە مۇددەتدىن كېيىن خاتۇنى ئۆلۈپ، تاجىرنى ھىسارغە سولاغاندا، يەنە بىر فەرەڭنىڭ خاتۇنىنى كەلتۈرۈپ،
ھىساردا ئىكەۋلەن تاپىشىپ، ئانچە مۇشەققەتلەر بىلە سىفىلنى تېشىپ، بىر مۇنچە جەۋاھىرلار ئالىپ، ئىكەۋلەن قاچىپ چىققانى ...
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ئۇيلەكى كەيۋانى نۇھۇ سەتشىئار،
كىم ئېرىدۇر گۇنبەدى نىلىي ھىسار.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قورغان، قەلئە، ئىستىھكام: سەككىرىنچى ھىسار - ئاسمان (كۆچمە مەنىدە).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارس. قورغان .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. قورغان ياكى شەھەر باشلىقى .