Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
黑赛哥维那起义
hēi sài gē wéi nà qǐ yì
يەنى، گېرتسېگوۋىنادىكى تۈركىيەنىڭ زۇلمى ۋە قۇل قىلىشغا قارشى قوزغىلاڭ. كېيىن مونتېنېگرونىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكتىن، مونتېنېگرونىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1852 - 5318 - يىللىرى، 1857 - 1858 - يىللىرى، 8611 - 1862 - يىللىرى ئۈچ قېتىم بولغان، ئۇنىڭغا ۋۇكالوۋىچ رەھبەرلىك قىلغان. 1857 - 1858 - يىللاردىكى قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان. 1858 - يىلى 4 - ئايدا مونتېنېگرو قوشۇنى قوزغىلاڭچىلار بىلەن قوشۇلۇپ، گېرلاخوۋو ئەتراپىدا تۈركىيە قوشۇنىنى تارمار قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بونسانىڭ پوساۋېن، كرايان قاتارلىق جايلىرىدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى گېرلاخوۋو قاتارلىق جايلاردىن ۋاز كېشىچكە مەجبور بولغان ھەمدە 1859 - يىلى يەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ قانۇن يولغا قويۇلمىغان. 1861 - يىلى 1 - ئايدا قوزغىلاڭ يېڭىۋاشتىن پارتلاپ، كراستاز، ۋاسوېگ ۋە نىكشىچىنىڭ يېنىدىكى بۇگ جىلغىسىدا بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مونتېنېگرونىڭ تۈركىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكىتى مەغلۇپ بولۇپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. 1862 - يىلى 9 - ئايدا قوزغىلاڭنىڭ سەردارى ۋۇكالوۋىچ گېرتسېگوۋىنانىڭ ۋەزىرى خورشىد بىلەن <دوبروۋىسا كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، تارادىن سوتۇرىنو دۆلەت چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنى ئون رۇس موسىنىڭ بېجىنى ۋە ئۈچ رۇس موسىنىڭ يەر ئىجارىسىنى تاپشۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئېتىبارغا ئىگە قىلغان.