Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھروزنىي
دۇنيا تارىخى
赫罗兹尼
hè luó zī ní
(1879 - 1852) چېخىيىلىك ئارخېئولوگ ۋە تىلشۇناس، ياش ۋاقتىدا پراگا، ۋېنا، بېرلىن ۋە لوندون قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. 1905 - 1919 - يىللىرى ۋېنا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، 1919 - 1952 - يىللىرى پراگا داشۆسىدە قەدىمكى شەرق تارىخ ۋە مىخ يېزىق تەتقىقاتى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1915 - يىلى ھىتت تىلىدىكى مىخ يېزىق ۋە تەسۋىرىي يېزىقنى بىرىنچى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك يەشكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى يېزىقى ۋە مىكېناي يېزىقىنى ئۇقۇپ چۈشەندۈرۈشكە كىرىشكەن. ئاساىي ئەسەرلىرىدىن <ھىتت تىلى>، <بوگازكىيىندىن قېزىپ چىقىلغان ھىتا مىخ يېزىقىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى>، <كىچىك ئاسىيادىن قېزىپ چىقىلغان ھىتت قانۇنى>، <غەربىي ئاسىيا، ھىندىستان ۋە كىرىتنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخى> قاتارلىقلار بار.