Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھېرا
دىنى سۆزلۈكلەر
赫拉
hè lā
دۇنيا تارىخى
赫拉
hè lā
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى زىۋېسنىڭ ئايالى. رىم ئەپسانىسىدىكى جۇنو. كىرونوس بىلەن رېيەنىڭ قىزى. ئاياللارنىڭ ھامىيىسى بولۇپ، نىكاھ ۋە تۇغۇتنى باشقۇرىدۇ. ئېرى (شۇنداقلا ئىنىسى) زېۋىس بىلەن ئۇرۇش خۇداسى ئارېس، ئوت خۇداسى (تۆمۈرچىلىك خۇداسى) ھېفىستاس، ياشلىق مەبۇدىسى ھېبې قاتارلىقلارنى تۇغقان. زېۋىس ۋە ھەرقايسى خۇدالار بىلەن بىرلىكتە يۇناننىڭ شىمالىدىكى ئولىمپىيە تېغىدىكى سارايدا تۇرىدۇ؛ ھېرا ھەسەتخور، شۆھرەتپەرەس، ياۋۇز بولۇپ، زۋېسنىڭ باشقا مەبۇدىلەر بىلەن ئارىلىشىشىنى چەكلىگەن، <ئالتۇن ئالما> نى ئېلىش ئۈچۈن ئافرودىت ۋە ئافىنا بىلەن گۈزەللىك تالاشقان. ھېراغا نەزىر - چىراق قىلىدىغان ئىبادەتخانىلاردىن جەنۇبىي يۇناننىڭ ئاگورېسىدىكى ئىبادەتخانىلار ئەڭ داڭلىق بولغان. سپارتا، سامۇس ئارىلى ۋە كروتون (جەنۇبىي ئىتالىيە) دىمۇ ھېراغا چوقۇنغان. بەزى جايلاردا ھېرا يەر ۋە ئاسمان مەبۇدىسى دەپ قارالغان.