UyghurMain Dictionary
ھوۋېللىس
دۇنيا تارىخى
(1837 - 1920) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. ئەسلى ھەرپ تىزغۇچى ئىشچى. ئۆزلۈكىدىن بېرىلىپ ئۆگەنگەن. 1856 - 1860 - يىللىرى <لىنكولىن تەرجىمىھالى> نى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. 1861 - 1865 - يىللىرى ۋېنېتسىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. <ئىتالىيىدىكى ساياھەت خاتىرىسى> ۋە <ھازىرقى زامان ئىتالىيە شائىرى> قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىققان. ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن بوستوندا ئولتۇرغان. 1871 - 1881 - يىللىرى <ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1886 - 1892 - يىللىرى <ھاپوس ئايلىق ژۇرنىلى> نىڭ تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ھەمدە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <مۆتىدىل> رېئالىزملىق ئۇسۇل قوللىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارىختا ئۆتكەن شەخسلەر ۋە ۋەقەلەر بىر قەدەر ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. تىلى جانلىق. ئۇ 30 نەچچە پارچە سەھنە ئەسىرى، ئون نەچچە پارچە ساياھەت خاتىرىسى، نۇرغۇن تەرجىمىھال، ئەدەبىي ئوبزور ۋە ھېكايىلەرنى ئىجاد قىلغان. داڭلىق ئەسەرلىرىدىن <زامانىۋى ۋەقە>، <سېراس رافامنىڭ راۋاج تېپىشى> قاتارلىقلار بار.