Chinese→UyghurMain Dictionary
候鸟
بىئولوگىيە
پەسىللىك قۇشلار
<كۆچمەن قۇشلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەسىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ مەزگىللىك كۆچۈش ئارقىلىق ياشاش ئورنىنى يۆتكەيدىغان قۇشلار. ياز پەسلىدە بەلگىلىك رايونلاردا كۆپىيىپ، كۈز پەسلىدە جەنۇبتىكى يىللىق جايلارغا ئۇچۇپ بېرىپ قىشلاپ كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا يەنە شىمالغا كۆچىدىغان قۇشلار شۇ رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا <يازلىق قۇشلار> (sunner resident) ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن ياز پەسلىدە مەملىكىتىمىز تەۋەلىكىدە كۆپىيىدىغان سوپىسوپىياڭ، كاككۇك قاتارلىقلار. ياز پەسلىدە شىمالدا كۆپىيىپ، كۈزدە مەلۇم رايونغا بېرىپ قىشلايدىغان تۈرلەر شۇ رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا <قىشلىق قۇشلار (يەنى قىشلىمايدىغان قۇشلار)> (Winter resident) ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، مەملىكىتىمىز تەۋەلىكىدە قىشلايدىغان كۆپ خىل ياۋا غازلار، ئۆردەكلەر، يەنە بىر قىسىم تۈرلەر مەلۇم رايوننىڭ شىمالىدا كۆپىيىپ، شۇ رايوننىڭ جەنۇبىدا قىشلايدۇ، جەنۇب - شىمال ئارىلىقىدىكى كۆچۈش جەريانىدا مەزكۇر رايوندىن ئۆتىدۇ، بۇنداق قۇشلار <يولۇچى قۇشلار> دېيىلىدۇ. مەسىلەن، مەملىكىتىمىزدىن ئۆتىدىغان بەزى ھاشاراتچى قۇشلار.
ئورمانچىلىق,تەنتەربىيە
hòu niǎo
پەسىل قۇشلىرىDئۇنىۋېرسال
hòu niǎo
پەسىل قۇشلىرى