Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھورنىك
دۇنيا تارىخى
霍尔尼克
huò ěr ní kè
(1640 - 1714) ئاۋسترىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، سودا ئەلاچىلىقى تەرەپدارى. بېشېر، سىرودېر بىلەن بىللە ئاۋسترىيە بويىچە سودا ئەلاچىلىقىنىڭ <ئۈچ كاتتىبېشى> دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ۋاقىت ئوردا مەسلىھەتچىسى بولۇپ كەلگەن. 1684 - يىلى <پەقەت ئاۋسترىيە خالايدىكەن، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ> ناملىق كىتابتا ئاۋسترىيىنىڭ نامراتلىقى ۋە قالاقلىقى ۋە ئوردىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ساختىلىق قىلىش ئىستېلىنى پاش قىلغان. ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى تولۇق ئېچىش، مەملىكەت ئىچىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چەت ئەللىك تېخنىكلارنى سانائەت ماھارىتىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىش، قىممەتلىك مېتاللارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش، تاشقى سودىدا ئالتۇن - كۈمۈش، پۇل بېرىشنى مەنئى قىلىش، چەت ئەل تاۋارلىرىنى كىرگۈزۈشكە چەك قويۇش، يېڭى خەلقئارا بازارنى تېپىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك سودا ئەلاچىلىقى پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۇقىرىقى پرىنسىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيە پادىشاھى يۆسىف Ⅰ ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم پروگراممىسى بولۇپ قالغان.