UyghurMain Dictionary
ھوقۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋە قوغدىلىدىغان ئەركىنلىك، ئىختىيار.
كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ ۋەتەننى سۆيۈش ھەققىمىز ۋە بۇرچىمىز. ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش ياشلارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى. قىلدەك ھوقۇقنىڭ پىلدەك كۈچى بار. تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇنى سۈرۈشتۈرۈشكە سېنىڭ ھەددىڭ يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۆلەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋە قوغدىلىدىغان ، جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن - قائىدىلەر، فورمىلار يىغىندىسى .
پۇقرالىق ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقى .
قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىمكانىيەت ، ئەرك ، ئىختىيار .
سايلاش ھوقۇقى، سايلىنىش ھوقۇقى ، دەم ئېلىش ھوقۇقى ، سىياسىي ھوقۇق ، ئىشلەش ھوقۇقى ، مەتبۇئات ھوقۇقى ، پايدىلىنىش ھوقۇقى .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھوقۇقنى ياخشى كۆرىدىغان ، ھوقۇق ئۈچۈن جان بېرىدىغان .