UyghurMain Dictionary
ھولباخ
دۇنيا تارىخى
(1723 - 1789) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، ئاقارتىش مۇتەپپەككۇرى. گېرمانىيىنىڭ رېين رايونىدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغولغان. ياش ۋاقتىدا تاغىسى بىلەن بىللە پارىژغا كۆچۈشپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1744 - يىلى گوللاندىيىدىكى لېيدېن داشۆسىدە ئوقۇغان. 1748 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن دىدېرو مۇھەررىرلىك قىلغان <ئېنىسكلوپېدىيە> تارماقلىرىنى يېزىشقا قاتناشقان. 1753 - يىلى تاغىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە، مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلغان. خرىستىئان دىنى ۋە فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىدىغان كۆپلىگەن نامسىز ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ تەبىئەن بىردىنبىر ئوبيېكىتىپ مەۋجۇدىيەت، كائىناتنىڭ مەنبەسى؛ ماددا بىلەن ھەرىكەت بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەبىئەن ھادىسىلىرى مېخانىكا قانۇنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، ھەممىسى مېخانىكىلىق سەۋەب - نەتىجە مۇقەررەرلىكىگە باغلىق بولىدۇ؛ ئادەمنىڭ بىلىشى تاشقى نەرسىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالارغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە دىن - ھەممە يامانلىقنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭ رولى قۇل قىلىنغان خەلقمى ئەخمەق قىلىش، ھۆكۈمرانلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتىن ئىبارەت، شەخسىيەتچىلىك - ئادەمنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر؛ جەمئىيەت - تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى، ئىجتىمائىيىلىق - ئىنسانىيەت تەجرىبىسى ۋە ئەقلىي پائالىيەتنىڭ ھاسلىي نەرسىسىدۇر؛ ئىجتىمائىي توختام - دۆلەتنىڭ ئاساسى، ھەممە ئادەم رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك تۇرمۇش مىزانى. تەبىئىي ھوقۇق ئىچىدە ئەڭ مۇقەددەس بولغىنى - ئەركىنلىك، مال - مالۈك ۋە ئامانلىقتىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <پاش قىلىنغان خرىستىئان دىنى>، <تەبىئەت سىستېمىسى>، <تەبىئەن سىياسىي>، <ئىجتىمائىي سىستېما> قاتارلىقلار بار.