UyghurMain Dictionary
ھېنرىي گېئورگې
دۇنيا تارىخى
(1839 - 1897) ئامېرىكىلىق چاكىنا ئىقتىسادشۇناش، سىياسىي ئوبزورچى. سان - فرانسىسكودا تۇغۇلغان. 1855 - يىلى سودا پاراخوتىدا ئىشلىگەن، كېيىن نابورچىك بولغان. 1868 - 1869 - يىلى يەككە باج نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. 1871 - يىلى <بىزنىڭ يېرىمىز ۋە يەر سىياسىتىمىز> ناملىق كىتابچىسىنى بېسىپ تارقاتقان. 1880 - يىلى نيۇ - يوركتا <ھېنرىي گېئورگې ھەرىكىتى> نى قوزغىغان. جەمئىيەت تەرەققىيات داۋامىدا بايلىقنىڭ جۇغلىنىشى ۋە نامراتلىقنڭ مەنبەسى - ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىدا دەپ قارىغان. <يەر ئىسلاھات ھەرىكىتى> نى تەرغىپ قىلغان؛ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي نىشانىسى <تەييارغا ھەييار بولۇش> ئەھۋالىنى توسۇپ، يەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، يەككە يەر بېجى ئېلىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلغاندا كاپىتالىزمنىڭ نۇقسانلىرى ئۈزلۈكىدىن تۈگەيدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تىزگىنلىۋېلىپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق يولىغا باشلاشقا ئۇرۇنغان. ماركس ئۇنى <ئالدامچى> دەپ ئەيىبلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق <تەرەققىيات ۋە نامراتلىق>، <يەككە يەر بېجى دېگەن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن يەككە يەر بېجى يولغا قويۇلىدۇ؟> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.