Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىندۇنېزىيە مىللىي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
印度尼西亚民族大起义
yìn dù ní xī yà mín zú dà qǐ yì
ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1926 - 1927 - يىللىرى گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. ھىندۇنېزىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1925 - يىلى پرامباناندا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 1926 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جاكارتا ۋە غەربىي ياۋادىكى بانتامدا بىرلا ۋاقىتتا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. جاكارتا ئەتراپ رايون قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى بىر مەھەل شەھەر رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ، تېلېفون ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنى ئىگىلىگەن. باتام قوزغىلاڭچى ئارمىيىسى ۋوگزالنى تارتىۋېلىپ، ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلارنى باستۇرغان. ياۋا رايونىدىكى قوزغىلاڭ باندۇڭ، پرېئانگان قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. 1927 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، سۇماترا خەلقى ساۋالۇنتو، شىرونگان قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. گوللاندىيە دائىرىلىرى ھەرقايسى يەرلەردە تارقاق قوزغىلاڭلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئېلىپ، ئۇلاردىن 4500 كىشىگە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.