Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىندىستان خاتىرىلىرى
Domain: دۇنيا تارىخى印度记
yìn dù jì
كىتاب نامى. قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ئاررىئانۇس يازغان. ئالېكساندر (ئىمپېراتور) ئۆزىنىڭ يېقىن سەركەردىسى نېئارخۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) بىلەن سېلېۋكوس پادىشاھلىقىنىڭ ھىندىستان مائۇرىيە خاندانلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مېگاستېنسلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى توغرىسىدىكى خاتىرىلىرىدىن پايدىلانغان. بۇ كىتابتا ئاساسلىقى نېئارخۇسنىڭ دېڭىز قوشۇنلىرىنى باشلاپ ھىندى دەرياسى ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزىغا كىرگەنلىكى ۋە يەنە ھىندىستان، ئىرانلارنىڭ دېڭىز ياقىلىرىنى بويلاپ مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەنلىك تارىخى بايان قىلىنغان، شۇنىڭدەك ئالېكساندرنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈشى ۋە ھىندىستاننىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بەزىبىر ئەھۋاللارمۇ تىلغا ئېلىنغان. كىتابىتىكى ۋەقەلەر تەپسىلىي سۆزلەنگەن، ئىشەنچلىك بولۇپ، شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ نېئارخۇس ۋە مېگاستېنېسلارغا ئالاقىدار ئەسەرلىرى ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ئەسەر تېخىمۇ قىممەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە <ھىندىستان خاتىرىلىرى> دېگەن بۇ ئەسەر ئاررىئانۇسنىڭ <ئالېكساندرنىڭ ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى> (يەتتە توملۇق) ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى دەپ تونۇلۇپ، 8 - توم سۈپىتىدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.