Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىندېرسون
دۇنيا تارىخى
汉德森
hàn dé sēn
(1863 - 1935) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1929 - 1931). ليېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. ياشلىقىدا پولات تاۋلاش ئىشچىسى بولغان، كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1903 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. لېيبورىستلر پارتىيىسىنى تەشكىللەش پائالىيىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1908 - 1910 ۋە 1914 - 1917 - يىللىرى لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش ۋاقتى ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1924 - يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى بىرىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەندە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1929 - يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان 2 - نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1931 - يىلى، ماكدونالدنىڭ مىللىي ئىچكى كابىنېت ئۇيۇشتۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقتىن، پارلامېنت ئەزالىقىدىن قالغان. 1932 - يىلدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 1934 - يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <ئەمگەكنىڭ نىشانى> دېگەن ئەسىرى بار.