UyghurMain Dictionary
ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1968 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قۇرۇلدى. ئۇلار سىياسىي پارتىيىلەرگە قاتناشمىغان تەشكىلاتلار، مەسىلەن، <مۇھەممەدىيە جەمئىيىتى> ۋە ئىشچى، دېھقان، بېلىقچى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاياللار، ئالىملار قاتارلىق كەسپىي خادىملار قاتناشقان جەمئىيەتلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشنى مەقسەت قىلدى. <خەلق كېڭىشىش يىغىنى> بۇ پارتىيىگە ئورۇن تەقسىم قىلىپ بەردى. 1973 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىسلام ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى، ھىندونېزىيە ئىسلام ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە پېرتى پارتىيىسى قاتارلىق ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى بىلەن بىرلەشتى ھەمدە <گۈللەندۈرۈش - ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى> نى قۇردى. بىرلەشكەندىن كېيىن، بۇ پارتىيە پائالىيىتىنى توختاتتى. باشقا سىياسىي پارتىيىلەر دىنىي تەشكىلات سۈپىتى بىلەن داۋاملىق پائالىيەت قىلدى.